- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيەنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىمىز، ياپونىيەنىڭ داۋاملىق تىنچلىق يولىدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز
2012.12.18 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17-دېكابىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياپونىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو-ياپوىنيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆت سىياسىي ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ ۋە روھقا ئاساسەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە