باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

2012.12.14 15:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ــ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ۋە ئاساسىي ئۇسۇلى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بايلىق ھاسىلاتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئايلانما كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تىرىلمە بايلىقدىن پايدىلىنىش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان بايلىقدىن دەۋرىي پايدىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش لازىم.

  يىغىندا «12-بەش يىللىق ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى ئېنىق بېكىتىلدى. بىرىنچى، ئايلانما سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش. سانائەت ساھەسىدە ئايلانما ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، مەنبىيىدىن مىقدارىنى ئازايتىش، ئېنېرگىيەدىن پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش، سۇ بايلىقىدىن دەۋرىي پايدىلىنىش، تاشلاندۇقلاردىن ئالماشتۇرۇپ پايدىلىنىش، يەردىن تېجەپ، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچى، ئايلانما يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بايلىقدىن پايدىلىنىشتا تېجەشچان بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسىدا پاكىز بولۇش، كەسىپ زەنجىرىدە دەۋرىي بولۇش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردە ئورتاق ئايلانما يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش. ئۈچىنچى، ئايلانما مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرىلمە بايلىق ۋە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل قۇرۇلۇش ۋە يېشىل قاتناش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەتنىڭ يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىستېمال ئېتىقادى تۇرغۇزۇش، ئىستېمال قېلىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تۆتىنچى، ئايلانما ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان شەھەرلەرنى ، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كارخانا ۋە باغچە رايونىنى بەرپا قىلىش لازىم، يىغىندا مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، مەبلەغ سېلىش، باھا ۋە ھەق ئېلىش سىياسىتىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، قانۇن بەلگىلىمە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا قىلىش، باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە