- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو يېزا ئىناۋەتلىك قەرز بانكىسى سىستېمىسىنىڭ مەبلىغى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
2012.12.17 13:47
يېزا ئىناۋەتلىك قەرز بانكىسى ھېسابات مەركىزى ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 6-دېكابىرغىچە، 80 مىڭغا يېقىن جۇڭگو يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگىنى تور نۇقتىلىرىنىڭ يېزا ئىناۋەتلىك قەرز بانكىلىرى چىقىم قىلىش، ھېسابات ئېنىقلاش سىستېمىسىنىڭ مەبلىغى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشقان. يېزا ئىناۋەتلىك قەرز بانكىسى چىقىم قىلىش، ھېسابات ئېنىقلاش سىستېمىسى جۇڭگو يېزىلىرىدىكى چىقىم سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 13 تىرىليون 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلىغى ۋە ئامانەت، قەرز پۇل كۆلىمىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بانكىلار ئىچىدە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن.
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە