باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ قانۇنلۇقلىقى ئېتىراپ قىلىندى(1)

2012.12.14 15:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-نۆۋەتلىك سۈرىيەنىڭ دوستى يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 12-دېكابىر ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە ئېچىلدى، 130تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ مەملىكەتلىك ئىتتىپاققا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ۋە مالىيە ياردىمى بېرىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى، ھەمدە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ بىردىن بىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. يېغىندا، كېلەركى نۆۋەتلىك سۈرىيەنىڭ دوستى يىغىنىنىڭ ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلۈدىغانلىقى، ۋاقىتنىڭ كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.

  ئامېرىكا بۇ قېتىمقى يىغىنغا چوڭ سوۋغا تەقدىم قىلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 11-دېكابىر، مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە خەلقنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنى ئېتىراپ قىلىشى، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ئىتتىپاقىنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسقا پاتقان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تاشلىغان زور قەدىمى.

  ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇندىن باشقا يەنە بىر ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ غەلبە فىرونتىنى تېررورىزىم تەشكىلاتى دەپ بېكىتىپ، بۇ تەشكىلات 2011-يىلى 11-ئايدىن بۇيان، سۈرىيەنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدە 600 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قوزغاپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى دېدى. تەھلىللەردە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقا دۆلەتلەر ۋە سۈرىيە خەلقىگە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىلدى، دېيىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە