باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق بىر ئەر ئايروپىلاندا خەتەر بار دەپ يالغان مەلۇمات بەرگەنلىكتىن، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2012.12.12 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 11-دېكابىر غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋاڭ جيەنجياڭنىڭ يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقاتلىقىغا قارىتا بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىپ، يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرى پەيدا قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن، ئۇنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

  ۋاڭ جيەنجياڭ شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ۋاڭ جيەنجياڭ باشقىلارنىڭ نامىدا شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى خەلق ئاۋىئاتسىيەسى مۇلازىمەت مەركىزى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان CZ680 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا خەتەرلىك ئەھۋال بارلىقىنى ئېيتقانلىقتىن، بۇ ئايروپىلان لەنجۇ جوڭچۈەن ئايروپورتىغا قونۇشىغا مەجبۇر بولغان. ساقچى تەرەپ بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ۋە يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى قايتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىنورماللىقنى بايقىمىغان. بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلان بەش سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان بولۇپ، 288 مىڭ يۈەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن. شۇ كۈنى ۋاڭ جيەنجياڭ غۇلجىدا قولغا ئېلىنغان.

  سوت قاراپ چىقىپ، ۋاڭ جيەنجياڭ يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، نورمال ئۇچۇۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يېرىم يولدا توختىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان، دەپ قارىغان، ھەمدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھۆكۈمنى چىقارغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە