باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىن ئاچتى(1)

2012.12.11 10:04        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-دېكابىر گۇاڭدۇڭدا ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى كەڭ تۈردە ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ كېلەر يىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى، تاشقى مۇھىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ھەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا توغرا قاراپ ھەم ھازىرلانغان پايدىلىق شارائىت ۋە ئىجابىي ئامىللارنى كۆرۈشىمىز؛ ھەم ئىشەنچىمىزنى قەتئىي چىڭىتىشىمىز ھەم كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنى باشلانغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، مەركەزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ئىلمىي بېكىتىش ھەققىدىكى فاڭجېن، ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ كۆز قاراشلىرىنى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز يۆنىلىشنى بېكىتمەيمىز، ئىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىكتىن سۆز ئارگىنالى تاپشۇرۇشنىمۇ تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كەڭ-كۇشادە سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە