باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋ ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى(1)

2012.12.13 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

12-ئاينىڭ 8-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «خەيكوۋ» ناملىق پاراخوتنى كۆزدىن كەچۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنمىن فوتوسى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر گۇاڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ۋە 10-چېسلا گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، پۈتۈن ئارمىيەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئۇرۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە چاقىردى. (ۋاڭ خۇڭشەن، ليۇ شېڭدۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە