- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا يۈز بەرگەن «29-ئىيۇن» ئايروپىلان بۇلاش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى
2012.12.12 15:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-دېكابىر، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇچۇق سوت ئېچىپ، مۇسا يۈسۈپ قاتارلىق 4 نەپەر جاۋابكارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئايروپىلان بۇلاش دېلوسىنى قاراپ چىقتى ھەم كېسىم چىقاردى، جىنايەتچىلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى، پارتلىتىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىراقلا جازاغا تارتىلىپ، مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىن قارى ئىمىن، ئۆمەر ئىمىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ جاۋابكار ئالىم مۇسا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە