- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يۈز شەھەر تەڭ قەدەمدە 60 مىڭدىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسىنى پاچاقلىۋەتتى
2012.12.13 15:36 مەنبە: خەلق تورى
12-دىكابىر، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ج خ ئورگانلىرى ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان 60 مىڭدىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسىنى تەڭ قەدەمدە پاچاقلاپ تاشلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ج خ تارماقلىرى «قىمارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىمارۋازلىققا چېتىلىدىغان 347 مىڭ دېلونى تەكشۈرۈپ پاش قىلىپ، 210 مىڭدىن ئارتۇق قىمار ماشىنىسى يىغىۋالدى، مۇسادىرە قىلىنغان قىمارۋازلىق دېلوسىغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى 4 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يەتتى. سۈرەتتە، ساقچى تەرەپ بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىدا مۇسادىرە قىلىنغان قىمار ماشىنىلىرىنى پاچاقلىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شېن)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە