باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان چاقماقتىن ئالىدىغان تۆكمە سېتىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2012.12.13 14:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 12-دېكابىردىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان چاقماقتىن ئالىدىغان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 1991-يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ چاقماقلىرىغا قارىتا يولغا قويغان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بېجىنى ئاياغلاشتۇردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق قارار چىقارغانىدى: بۇ يىل يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلغان چاقماقلاردىن ئالىدىغان تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. بۇ تۈرلۈك ئالاھىدە باج جۇڭگونىڭ چاقماق كارخانىلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بازىرى ئوتتۇرىسىدا 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشتى. 1991-يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈپەتسىز ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن چاقماقلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى توسۇشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان چاقماقتىن تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بېجى ئېلىپ كەلگەنىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە