باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ سانى ئالدىنقى12يىلدىكىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى

2012.12.12 13:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11–ئايغىچە شىنجاڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ سانى 464 كە يېتىپ، ئىلگىرىكى 12 يىلدا ئىمپورت قىلغان 305 كېۋەز يىغىش ماشىنىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق ئىشلىرىدا ماشىنىلاشتۇرۇش بىرقەدەر ياخشى كېڭەيتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېۋەز يىغىش تەننەرخىنىڭ ئېشىشى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، كېۋەز يىغىش ماشىنىسى پاختىكارلارنىڭ بارغانسېرى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بىر كېۋەز يىغىش ماشىنىسى يېرىم كۈندىلا 100 مو يەردىكى كېۋەزنى يىغىدۇ، بۇ 600 پاختا تەرگۈچىنىڭ بىر كۈندە تەرگەن پاختىسىغا تەڭ كېلىدۇ.

  بىڭتۈەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىۋاتقان كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر 1000 1100 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان ماشىنىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %65كە يېتىپ، بازاردىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالغان.

  بۇ يىل، ئىمپورت قىلىنغان كېۋەز يىغىش ماشىنىلىرى ياخشى سېتىلىپلا قالماستىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان كېۋەز يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ يامان ئەمەس بولغان. بولۇپمۇ، دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردەم پۇلى بۇلتۇرقى ھەر بىر ماشىنىغا 200 مىڭ يۈەن بېرىشتىن بۇ يىل ھەر بىر ماشىنىغا 300 مىڭ يۈەن بېرىشكە ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، شىخەنزە يۈخاڭ دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل بازارغا سالغان 200 كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولغان.

  شىنجاڭ شىنجيەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇش–ئېچىش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بويىچە شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدىكى كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنى ئەڭ كۆپ بازارغا سالىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان كەسىپلەشكەن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش شىركىتى. بۇ شىركەت بۇ يىللاردا كېۋەز يىغىش ماشىنىسىدىن 120 نى ئىمپورت قىلدى، ئۇنىڭ بازارغا سالغان كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ سانى ھازىر 338 گە يەتتى.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە