دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا دۇبەي خەلىپە مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋەتتى
2012.12.12 16:31 مەنبە: خەلق تورى
چاقماق خەلىپە مۇنارىنىڭ چوققىسىنى سوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بۇ كۆرۈنۈش دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بولغان بۇ بىنانى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا دۇبەي بوشلۇقىدا چاقماق چېقىلغان بولۇپ، چاقماق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولغان خەلىپە مۇنارىنى سوقۇپ، ئاجايىپ مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. خەلىپە مۇنارىنىڭ ئالاھىدە قۇرۇلمىسى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى چاقماق زەربىسىدىن ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق چاقماقتا، خەلىپە مۇنارى ھىچنىمە بولمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە