باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېشىل كارتا ئالغان چەت ئەللىكلەر ئېلىمىز پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2012.12.12 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچېڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكلىق مۇ لىنئەي جۇڭگونىڭ «يېشىل كارتىسى»غا ئېرىشتى.

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 25 ئورۇن بىرلىكتە «جۇڭگودا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەت ئەللىكلەر بەھرىمەن بولىدىغان مۇئامىلە توغرىسىدىكى چارە»نى تارقىتىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى (يېشىل كارتا)غا ئېرىشكەن چەت ئەللىكلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە قانۇن-نىزاملاردا بەھرىمەن بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن باشقا، پىرىنسىپ جەھەتتە جۇڭگو پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

  «چارە»دە چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ۋىزىلىق تۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتۈش، مەبلەغ سېلىش، ئۇنۋان ئېلىش، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ جامائەت فوندى، ئۆي سېتىۋېلىش، پۇل مۇئامىلە كەسپى بېجىرىش، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش، پىراۋا ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەردە، جۇڭگو «يېشىل كارتىسى»غا ئاساسەن پۇقرالىق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە