- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2013-يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆپچىلىكنىڭ ئاغرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى: يېڭى يىل بايرىمىدىن كېيىن ئۇدا 8 كۈن ئىشلەش ئادەمنى بەك ھارغۇزۇۋىتىدۇ
2012.12.12 15:30 مەنبە: خەلق تورى
ئالدىنقى كۈنى 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، نۇرغۇن تورداشلار دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلگەندىن كېيىن چوڭ-كىچىك بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەم ئېلىشتىن كېيىن 7، 8 كۈن ئۇدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، «ھەپتە ئاخىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى خالايمەن» دېگەندەك سادالار كۆتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كېلەر يىلى يانۋارنىڭ 1-، 2-، 3-كۈنى دەم ئېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ 2012-يىلى 29-، 30-دېكابىر (قوش ئارام كۈنى) دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە 31-دېكابىر بىر كۈن ئىشلەپ، ئۇلاپلا 3 كۈن دەم ئېلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا 8 كۈن ئىشقا چىقىلىدۇ. يېڭى يىلغا ئوخشاش، تاڭزۇڭزا چاغىنىدىن كېيىنمۇ ئۇدا 7 كۈن ئىشقا چىقىلىدۇ.
تۈنۈگۈن، نۇرغۇن تورداشلار يېڭى يىلدىن كېيىنكى ئۇدا 8 كۈن ئىشلەش بىسىمىنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئاز ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇلار: «يەنىلا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار!» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە