باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

2012.12.12 15:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش- ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بوشاشمايدىغان ئىنتىلىشى. نۆۋەتتە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنىسى تېخىمۇ كەڭ. تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدەك مۇھىم پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار ۋە ئاساسى قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئاكتىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تەيۋەندىكى قېرىنداشلارنى تىرىشىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» گە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېسسىيات ئاساسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈەنچى ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لياڭ گوياڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لىن ۋىنيى تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ھەمدە قاراپ چىقىلىدۇ. «تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى نىزامنامىسىنىڭ تۈزۈتىلمىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 9-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىقلار سايلاپ چىقىلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە