باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە مەملىكىتىمىزدە 798 ئادەم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا قىزىل چىراقتا يولدىن كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان

2012.12.12 15:28   مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە مەملىكىتىمىزدە 798 ئادەم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا قىزىل چىراقتا يولدىن كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە مەملىكىتىمىزدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا قىزىل چىراقتا يولدىن كېسىپ ئۆتۈپ ۋەقە تۇغدۇرۇش قېتىم سانى 4227 قېتىم بولۇپ، جەمئىي 798 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2011-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتە قاتناش سىگنالىغا رىئايە قىلماسلىقتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى 4768 قېتىم بولۇپ، جەمئىي 6143 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، 1175 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، يولدىكى قاتناش ھادىسىسىنى ئەڭ كۆپ كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئىچىدە، قاتناش سىگنالىغا خىلاپلىق قىلىش ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرغان.

  11-دېكابىر چۈشتە، بېيجىڭدا قاتناش ساقچىسى «جۇڭگوچە يولدىن ئۆتۈش»نى تۈزىمەكتە، يېرىم سائەت جەريانىدا قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەن 19 نەپەر پىيادە ماڭغان ئادەمگە 10 يۈەندىن جەرىمانە قويۇلدى. بېيجىڭ شەھىرى 11-دېكابىردىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە، شەھەر تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ماشىنىلارنڭ يول يۈرۈشىگە ئائىت ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان 9 تۈردىكى مەسىلىلەرنى تۈزەيدۇ.

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىردى
      ·ھىندىستاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قىزلارنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى ۋە قىسقا يوپكا كىيىشىنى چەكلىدى
      ·شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى شىنجاڭدا ئوقۇتۇش–ئەمەلىيەت بازىسى قۇردى 
      ·مېيىپلەر ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ 
      ·2012-يىللىق بالىلار ئىجادىيەت بايرىمى چوڭ تىپتىكى مۇزىكا كېچىلىكى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى(1)
      ·تاجىكىستان  ۋە ئافغانىستان بىرلىشىپ، بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنى يوقاتتى
      ·ھەقسىز مائارىپنى ئالدى بىلەن بالىلار باغچىسىغىچە كېڭەيتىش كېرەك 
      ·ش ئۇ ئا ر دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(1)
      ·تەبىئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى يۇقىرىمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ؟(1)
      ·مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ