باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىزنىڭ جايىڭىزدا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بېجىرىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە ئەمەلىيلەشتىمۇ؟

2012.12.12 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلققە قولايلىق تۇغدۇرىدىغان ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بېجىرىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى بىر ھەپتە بولدى، جايلاردا قانداق ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ؟

  خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ئالتە شەھەردە ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىسمەن شەھەرلەردە تېزلا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى، لېكىن بەزى شەھەرلەردە «ئۇ دېگەن پەقەتلا خەۋەر، بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ» دەيدىغان ئەھۋاللارنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  11-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇجياڭ رايونى ۋۇلىچياۋ كوچا باشقارمىسى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى جياڭ پىڭ: «مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تولۇق بولسىلا، ئەڭ تېز بولغاندا، شۇ كۈنىلا بېجىرگىلى بولىدۇ» دېدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 11-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خۇڭ شاڭخەيدە گۇۋاھنامە بېجىرىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.خۇاڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندىن كېيىن، بىز دەرھال ھۆكۈمەت تورىدا ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدۇق.» بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شاڭخەيدە جەمئىي 26 مىڭ كۆچمە ئاھالىگە تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلگەن. (دەي فېڭ، خەن لىچۈن، خۇ رېنبا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە