باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گاز يېقىلغۇلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى كېلەر يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بەش ئۆلچىمىگە ماس كېلىشى كېرەك

2012.12.12 13:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق گاز يېقىلغۇلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى كېلەر يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بەش ئۆلچىمىگە ماس كېلىشى كېرەك. بۇ ئۆلچەمگە ماس كەلمەيدىغان ئاپتوموبىللارغا مۇھىت ئاسراش تارمىقى مۇھىت ئاسراش لاياقەتلىك بەلگىسى بەرمەيدۇ ھەمدە ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن ماسلىشىپ، تىزىملاشنى توختىتىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا «دۆلەتنىڭ 5- باسقۇچلۇق گاز يېقىلغۇلۇق موتور ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا 2013-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، بارلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، ئىمپورت قىلىنغان، سېتىلغان ۋە ئەنگە ئېلىپ تىزىملانغان گاز يېقىلغۇلۇق موتورلار بىلەن ئاپتوموبىللار چوقۇم دۆلەتنىڭ بەش ئۆلچەم تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك. ئالاقىدار كارخانىلار ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىش پىلانىنى تەڭشىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

  بۇ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ بېشىدا گاز يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار چوقۇم دۆلەتنىڭ تۆت ئۆلچىمىگە ماس كېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى يۇقىرىلاتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ بۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىدۇ. دۆلەت بۇ ھەقتىكى ئۆلچەمنى ھەر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرگەندە، بۇلغىمىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى % 30تىن%50 كىچە ئازلاپ، مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.

  مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە