باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2012.12.07 14:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 6 -دېكابىر موچىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى .

  ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى . ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى . ئىككى تەرەپ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلىرىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كۈچلۈك قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى . بۈگۈنكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جىددىي ، مۇرەككەپ مۇھىتتا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئوڭۇشلۇق ئەزا بولۇپ ، دۇنيادىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى . مۇقىم ، گۈللەنگەن ، كۈچلۈك بىر رۇسىيە دۆلىتىنىڭ بولۇشى دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق .

  پۇتىن مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە رۇسىيە - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتقا ئېرىشىپ ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. پۇتىن جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە سەمىمىي دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە