- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شەھەر– بازارلاشتۇرۇشتا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك (1)
2012.12.07 10:31
شەھەر– بازارلاشتۇرۇش بىر تەرەپلىمە ھالدا نوپۇس نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە شەھەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق «يېزا» دىن «شەھەر» گە بولغان مۇھىم بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت . جەزمەن ئەنئەنىۋى باشلامچىلىق شەكلىدىكى شەھەر ، بازارلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تۈپكى مەقسەت قىلىپ ، يەككە ھالدا شەھەر–بازارلاشتۇرۇشسۈرئىتىنى قوغلاشماي ، شەھەر–بازارلاشتۇرۇشمۇساپىسى داۋامىدا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم . ( خەلق تورى 12–ئاينىڭ 3–كۈنى)
مەملىكىتىمىزدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، يېزىلارنى شەھەر– بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى تەدرىجىي تېزلىشىپ بارماقتا . بۇ ئەسلىدە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى بولۇشى كېرەك ئىدى ، لېكىن بەزى جايلاردا «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش » تەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «شەھەرگە كىرگۈزۈلۈش »، « بىنا ئۆيگە كۆچۈرۈلۈش » تەك چەكتىن ئاشقان ھادىسىلەرمۇ يۈز بەرمەكتە . بۇ خىل «ئىختىيارى » لىقتا شەھەر–بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە قىيىنچىلىق تەرىپى كۆرۈنەرلىك ئەكس ئەتمەكتە . بۇ خىل قارشى تۇرۇش ۋە قارشى تۇرۇشقا قارشىلىشىش ۋەزىيىتىدە ناھايىتى كۆپ كۆڭۈلسىزلىقلارمۇ پەيدا بولماقتا ، ھەتتا كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە شەھەر–بازارلاشتۇرۇشدەۋر تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ھەر خىل شارائىتلارنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، تەبىئىيلا ئىشقا ئېشىشى كېرەك ئىدى ، بەلكى ، بۈگۈنكىدەك بىر خىل «شۇنداق بولسا كېرەك » دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قىلمىشلار سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى . ئەگەر شەھەر ، بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىگىلا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ ، يەككە ھالەتتە شەھەر–بازارلارشتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقىنىلا تەشەببۇس قىلىپ ، دېھقانلارنىڭ «شەھەر–بازارلاشتۇرۇش» تىن كېيىنكى ئورۇنلىشىشى ، ھوقۇقى ، كاپالىتى ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار كېيىن دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئويلاشمىغاندا، تەبىئىيلا ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيمىز ، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر– بازارلاشتۇرۇشتولۇقلىمىسىغىمۇ ئېرىشەلمەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە