باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس خۇجىنتاۋ گۇيجۇدا خىزمەت تەكشۈردى

2012.12.07 09:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ يېقىندا گۇيجۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 18-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى 18-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش كېرەك.

  زېمىستان قىشتا ھەممە يەردە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. 1-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە خۇجىنتاۋ گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ كېجىنىڭ ھەمراھلىقىدا زۇنيى، بىجيې، گۈيياڭ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانا، يېزا كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، كادىرلار ئاممىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ئىگىلەپ، كادىرلار، ئامما بىلەن ئىلمىي تەرەققىي قىلىش پىلانىنى بىرلىكتە كېڭەشتى.

  خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش-خۇجىنتاۋ باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن چوڭ ئىش ئىدى. خۇجىنتاۋ گۈيياڭ شەھىرىنىڭ پىڭجياۋەندىكى چوڭ تىپتىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرى نەق مەيدانىدا پىلان لايىھە، قۇرۇلۇش ئەھۋالى، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇشلارنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. ئۇ شۇ يەردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، شەھەر پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇشتا ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە خۇجىنتاۋ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ گۈيياڭ شەھىرىنىڭ خۇاشى شىلىخى نەملىك يەر باغچىسىغا بېرىپ، شەھەر ئېكولوگىيەسىنى تېزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بۇ باغچىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ،دېدى، ئۇ گۈيياڭ شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شەھەر خەلقىگە گۈزەل ئازادە شەھەر مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خۇجىنتاۋ تەكشۈرۈش داۋامىدا گۈيجۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىكىدە ھەر مىلەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن گۈيجۇنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى، بۇ گۈزەل زېمىندا چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ نامايان بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە