باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قەرز يۇقىرى چېكىدىن پايدىلىنىپ ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

2012.12.06 15:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكىنىڭ «مالىيە كرىزىسى »نى ھەل قىلىش جەريانىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قەرز يۇقىرى چېكى قارالمىسىدىن پايدىلىنىپ ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك، بۇ ئامېرىكىغا ئاپەت خاراكتېرلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ دېدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: كېلەر يىلىنىڭ باشلىرى ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم ئاممىۋى قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرىدۇ، بەزىلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باجقا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت چىقىمى سۆھبىتىدە ئەۋزەللىككە ئېرىشىشىنى پەرەز قىلماقتا. ئامېرىكا ئاممىسى ۋە كارخانىسىغا نىسبەتەن بۇ ئەڭ ئوسال تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ناۋادا ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلىپ بولالمىسا، كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا شەخسىي كىرىم تاپاۋەت بېجى قاتارلىق باج نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئازىيىشتەك مالىيەنى قىسىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ ئىككىسىنى قوشقاندا بۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، بۇ «مالىيە كرىزىسى » دەپ ئاتالغان.

  ئوباما مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش كۈرىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاممىۋى قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈشنى قورال سۈپىتىدە ئىشلەتكەندە ئامېرىكىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىگە زىيان، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق پارتىيە گۇرۇھلار كۈرىشىگە يەنە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قالمايدۇ، ئىككى پارتىيەنىڭ كۈرىشى ئامېرىكا ئاممىسى، ئامېرىكا كارخانىلىرى، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا زەربە ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە