باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى كۇنمىڭ، شيامېندا 18-قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزدى

2012.12.06 15:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي روھى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تۈنۈگۈن كۇنمىڭ ۋە شيامېندا 18-قۇرۇلتاي روھىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بايان قىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جىخوڭ يۈننەندە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرى ۋە ئاممىسىغا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ لېكسىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى گەۋدىلىك، بايانى چوڭقۇر بولدى. چۈشتىن كېيىن، شى جىخوڭ كۇنمىڭ شەھىرى تاۋيۈەن مەھەللىسىدە ئاساسىي قاتلام كادىر، ئاممىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن جاۋمۇ شيامېندا 18-قۇرۇلتاي روھىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى 18-قۇرۇلتاي روھى ھەققىدە تېخىمۇ توغرا، سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى. كادىرلار ئۆزلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز دېيىشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}