باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: دۆلەت داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىدۇ، كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز قىلىشنى كەلگۈسى نىشان قىلىدۇ

2012.12.05 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قوغداش مەبلىغىنىڭ يىتىشمەسلىكى بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىدا ئۇزۇندىن بېرى يۇقىرى كىرىش بېلىتىگە ئارتۇقچە تايىنىۋېلىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى شەھەر قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى رۇشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ساياھەت ئىستراھىتى، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە رايونلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا، شۇنداقلا ئېكولوگىيە، پەن، مەدەنىيەت، ئېستېتىكا قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن كۆز بىلەن كۆرىدىغان مەنزىرىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، جانلىقلارنىڭ خىلمۇخىللىقى، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال قوغداشقا قاراپ ئۆزگەرتىشنى تەدرىجى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ــ كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز قىلىش، جامائەت پاراۋانلىقىغا قايتىش، بۇ ــ ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە