باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مال باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش بۇ يىل ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، كېلەر يىلى زور نىسبەتتە ئۆسۈش بولمايدۇ

2012.12.05 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ «مۇقىم ئېشىش» نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاز قالدى دېگەن گەپ. «مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش» نىشانغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى ياۋ جىڭيۈەن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى يىلغا بىر ئايمۇ ۋاقىت قالمىدى، ھازىر شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستىمال باھاسى كۆرسەتكۈچى (CPI)نىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %4 ئىچىدە تىزگىنلەش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ھېچ گەپ يوق.

  بۇ يىلدىن بېرى، CPI %3.0تىن %2.0 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، ئاخىرى يەنە «1»گە چۈشكەنىدى، لېكىن 11-ئاي كىرىشى بىلەن كۆپلىگەن ئاپپاراتلار CPI نىڭ قايىتىدىن ئۆرلەپ %2دىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ خىل مۆتىدىل ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ كېلەر يىلنىڭ 2-پەسلىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ تۇراقلىشىشى كېلەر يىللىق مال باھاسىنىڭ تۇراقلىقىغا تىرەك بولىدۇ، دەپ قارىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە