باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ مايتاس شامال رايونىدا 735 ئادەم ۋە 127 ئاپتوموبىل قۇتقۇزۋېلىندى

2012.12.05 14:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋپتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى قارلارنى تازىلىماقتا
  گەرچە 3–دېكابىر سەھەردىن باشلاپ قار توختىغان بولسىمۇ ، لېكىن شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايتاس شامال رايونى يول بۆلىكىدە 4–دېكابىر ئەتىگەنگىچە يوللار داۋاملىق ئېتىلىپ قالغان، يەرلىك تاشيول ئىدارىسىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى نۆۋەتتە قارلارنى تازلاپ يوللارنى ئاچماقتا .

  4–دېكابىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تارباغاتاي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆربىلجىن تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، قار داۋاملىق ياغقاچقا ، ئۆلكە يولى 201–لىنىيەسىنىڭ K23-K76 مايتاس بۆلىكىدە يۈزدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالغان ، دۆربىلجىن تارماق ئىدارىسى دەرھال ماشىنا ۋە ئادەم كۈچى ئەۋەتىپ ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتناشنى راۋانلاشتۇرغان، ئېلېكتىرۇنلۇق كۆرستىش ئېكرانى ئارقىلىق يوللارنىڭ توسۇلۇپ قالغان ئۇچۇرىنى تارقاتقان . 3–دېكابىر كەچ سائەت 11 دە ، قاپسىلىپ قالغان 127 ئاپتوموبىل ۋە 735 نەپەر يولۇچى خەتەردىن قۇتۇلغان .

  مايتاس خەۋپتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسىنىڭ سمېنا باشلىقى لى جيەنچېڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، بۇ قېتىم قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە 10 يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بار بولۇپ ، بۇلار دۆربىلجىندىن ئۈرۈمچى ، قارمايغا قاتنايدىغان ۋە يەنە ئۈرۈمچىدىن دۆربىلجىن ناھىيەسىگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلار ئىكەن . 4-دېكابىر سەھەردە بۇ يول بۆلىكىدە شامالنىڭ يۆنىلىشى غەربتىن شەرققە قاراپ يۆتكەلگەن بولۇپ ، قۇتقۇزۇش تارماقلىرى يوللاردىكى قارلارنى تازلاپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرغان ، نۆۋەتتە ، يول تېخى ئېچىلمىغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ مايتاس يول بۆلىكى قىش كىرگەندىن بۇيان 12 قېتىم بوران ۋە قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، قاتناش توسۇلۇپ قالغان ، تاشيول تارماقلىرى جەمئىي 3268 يولۇچى ۋە 810 ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە