باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى(1)

2012.12.05 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاراپ چىقتى، 2013-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھبىرى كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشى-پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت ئىستىلىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا، ئالدى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ، باشقىلار قىلغاننى ئۆزى ئالدىن قىلىش، باشقىلار قىلمىغاننى ئۆزى قەتئىي قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى بىلەن ھۆكۈمەت، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ھەقىقىي ئېرىشىش؛ ئىستىلنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك ئىرادە باغلاپ، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. يىغىن خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سەككىز بەلگىلىمىگە بىردەك قوشۇلدى. بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىدىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىپ، ئامما بىلەن كۆپرەك سۆھبەتلىشىپ، كادىرلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، كۆپرەك مەسلىھەت ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى كۆپرەك تەھلىل قىلىپ، قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەت مەركەزلەشكەن، ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ بولغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، رەسمىيەتچىلىك، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق؛ ھەشەم-دەرەم، بىللە چىقىدىغانلارنى ئازايتىپ، كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، لوزۇنكا، لەۋھەلەرنى ئاسماسلىق، ئاممىنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق، مېھمان كۈتۈۋېلىشقا پايانداز سالماسلىق، گۈللەرنى تىزماسلىق، زىياپەتكە ئورۇنلاشتۇرماسلىق لازىم. يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مەركەزنىڭ نامى بىلەن ئاچىدىغان تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىن ۋە ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنى قاتتىق تىزگىنلەش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق، مەركەزگە تەستىقلاتماي تۇرۇپ تۈرلۈك لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەبرىكلەش، خاتىرىلەش، تەقدىرلەش يىغىنلىرى، كۆرگەزمە، مۇھاكىمە يىغىنلىرى، تۈرلۈك مۇنبەرلەرگە بىردەك قاتناشماسلىق؛ يىغىننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىننى قىسقا ئېچىپ، ئاز گەپ قىلىپ، قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەش؛ ھۆججەت، خەۋەرلەرنى ئىخچاملاپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوق، تارقاتسىمۇ، تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەت، خەۋەرلەرنى بىردەك تارقاتماسلىق كېرەك. زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇملۇقىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، زىيارەتكە بىللە چىقىدىغان خادىملار، بەلگىلىمە بويىچە ئولتۇرىدىغان قاتناش قوراللىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، جۇڭگو مەبلىغى ئورگانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار، چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق؛ مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش تىزگىنلەشنى ئازايتىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يوللارنى توسماسلىق، مەيدان، سارايلارنى تاقىماسلىق لازىم. ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قاتنىشىدىغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە، خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە قاراپ خەۋەر قىلىش-قىلماسلىق قارارى چىقىرىش، خەۋەرنىڭ مىقدارى، خەت سانى، ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىش؛ ماقالە تارقىتىشنى چىڭ تۇتۇش، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، شەخسلەر ئەسەرلىرى، سۆز كىتابچىلىرىنى ئاشكارا نەشىر قىلماسلىق، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى، بېغىشلىما سۆزى، خېتى ئەۋەتمەسلىك؛ تېرىشچان، ئىقتىسادچىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى پاك-دىيانەتلىك بىلەن بېجىرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆي، ماشىنا تەقسىملەش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر ۋە تۇرمۇش تەمىناتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە