باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي سىياسەتكە ئالاقىدار ئالتە سىگنال

2012.12.05 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4-چېسلا يىغىن چاقىرىپ، 2013-يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بۇ يىغىن كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي سىياسەت توغرىسىدا مۇنداق ئالتە تۈرلۈك سىگنالنى يەتكۈزگەن:

  بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش. ئىككىنچى، ئىچكى ئېھتىياج ۋە ئىستېمال سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا تەڭ تۇتۇش قىلىش. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ كەسىپ نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان چوڭ-چوڭ دۆلەت پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش. تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىك كۆچمە نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش. بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش. ئالتىنچى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاتلام بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈش. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە