باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز لىكتورلار ئۆمىكى جايلاردا 18-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلماقتا

2012.12.05 14:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز لىكتورلار ئۆمىكى 3-دېكابىر جايلاردا 18-قۇرۇلتاي روھىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلدى، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  3-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ 2700دىن ئارتۇق ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىر ۋە ئاممىغا لېكسىيە سۆزلىدى. چۈشتىن كېيىن لىكتورلار ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ساھەسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى لەن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش دېگەنلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى. بىزنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى، چوڭ يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار شىنجاڭغا نىسبەتەن ھەقىقىي، ئەمەلىي ئۈنۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك.

  مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن جىلىن ئۆلكىسىدىكى مېھمانخانا زالىدىكى تەشۋىقاتتا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭقۇر بايان قىلدى. چاڭچۈن تىراللىبۇس ئۈسكۈنىلەر شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى زو چاڭشۈن نۇتۇقنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئۈچ تېما گۇرۇپپىسى قۇرماقچى بولىۋاتىمىز، 1-،ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تېما گۇرۇپپىسى.2-، سانائەتتە تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئۆزىمىزنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. 3-، قىممەت قارىشى. كارخانىلار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەخلاقى پەزىلەتمۇ ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن ياڭ ۋېيمىن جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. 18-قۇرۇلتايدا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى، بۇ بەختلىك جۇڭگو قۇرۇشتا زادى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بىز دۇچ كېلىۋاتقان بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسى بارغانچە زورايماقتا، بىز ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، تېجەش مۇھىت ئاسراش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  خۇنەننىڭ چاڭشادا دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جياڭ جىيەنگو ئەمەلىي مىساللار ۋە فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى مىڭغا يېقىن كادىر ۋە ئاممىغا دۆلەتنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئالاھىدە تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ھازىرقى باسقۇچتا دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن سىناقنى ئوبرازلىق، جانلىق بايان قىلدى، خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىسى گوڭ خوڭشىن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا قىلالايدىغان ئىشىمىز پەقەتلا ياخشى ئۆگىنىش، كەلگۈسىدە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى جۇڭگو غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىشلىتىمىز.

  چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شېن چۈنياۋ 18-قۇرۇلتاينىڭ چوڭ تېمىسى، ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى، ئىلىمىي تەرەققىياتنىڭ تارىخىي ئورنى قاتارلىق 6 جەھەتتىن چۈشەنچە بەردى، يۈشۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىن كەلگەن زاڭزۇ ئوقۇغۇچى كەنجېيوڭسو ۋە 800دىن ئارتۇق كادىر ۋە ئامما دوكلات ئاڭلىدى، ئۇلار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن، كەسپىي بىلىملەرنى ئوبدان ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە