باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا سېتىلىۋاتقان بانكا كارتىسى پۇل يۇيۇش، ئالداش، باج ئوغرىلاش، پارا بېرىش-پارا ئېلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ (1)

2012.12.05 15:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەتتىكى بىر بانكا كارتىسى توردا 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە سېتىلىۋاتىدۇ، تور بانكىسى مۇلازىمىتىگە يەنە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە پۇل كېتىدۇ. بانكىدا 10 يۈەنگىلا بېجىرگىلى بولىدىغان بانكا كارتىسى توردا نېمىشقا شۇنچە يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ؟ باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمىدا بېجىرىلگەن بۇ ھەقىقىي كارتىلار زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما بەزىلەر مۇشۇ بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئۆزىنى «نىقابلىۋېلىپ»، ئالدامچىلىق، پۇل يۇيۇش، پارا بېرىش-پارا ئېلىش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىدىكى، توردا بانكا كارتىسى سېتىش شۇنچىلىك ئەدەپ كەتكەنكى، سېتىۋېلىش، سېتىش، بېجىرىش، ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنسىز كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپتۇ.

  بەلگىلىمە بويىچە بانكا كارتىسى پەقەت كارتا ئىگىسىنىڭلا قولىدا بولۇشى كېرەك، ئىجارىگە بېرىشكە، ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن مۇخبىر مەخپىيەتلىكلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بانكا كارتىسىنىڭ توردا باس-باس سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  بانكا كارتىسىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغانلارنىڭ مەقسىتى پۇل يۇيۇش، باجدىن قېچىش، ئالدامچىلىق، پارا بېرىش.

  بانكىلار كارتىنى ئون يۈەنگىلا، ھەتتا بىكارغىلا بېجىرىپ بېرىدىغان تۇرسا، بەزىلەر نېمىشقا توردىن نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىلىۋاتقان بانكا كارتىسىنى يەنە بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ؟ ئۇلار بۇ كارتىلارنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟

 
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە