باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون تەرەققىي تاپقان ئەللەرنى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2012.12.06 15:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون دەۋھەدە كىلىمات يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر مۇرەسسە قىلىش روھى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى، تەرەققىي تاپقان ئەللەر پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشى ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش ۋەدىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  بان كىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ بايلىقى، تېخنىكىسى بار، كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان، ئۇلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ تېخنىكا ياردىمى بېرىشى كېرەك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە