- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ش ئا ئە ت تۈركىيەنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى(1)
2012.12.06 09:02
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىغىنى 4-دېكابىر ئەزا دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە تۇتىشىدىغان چېگىرا رايونىدا سۈرىيەدىن كېلىدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن « ۋەتەنپەرۋەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرى باياناتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، تۈركىيە خەلقى ۋە زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن، تۈركىيەگە « ۋەتەنپەرۋەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى گىرمانىيە، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىىكىنىڭ تۈركىيەنى « ۋەتەنپەرۋەر » ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى : ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان « ۋەتەنپەرۋەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پەقەت مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى قۇرۇش ياكى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ « ۋەتەنپەرۋەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى جامىس. ستاۋرىدىس باشقۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە