باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى

پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2012.12.06 09:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش». پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا 2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزگە يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار غايىسى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلاندى.

  «كىيىنىش–تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»تىن تارتىپ «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»كىچە، «ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» تىن تارتىپ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش»قىچە، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش»تىن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش»قىچە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى كۈرەش نىشانلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ئېلمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پارتىيەمىز جۇڭگونىڭ تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرغانلىقى كۈچلۈك قاراتمىچانلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  «مەدەنىي ھاللىق جەمئىيەت بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ»، « ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بولمىسا ھەقىقىي ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ»... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۈلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇ – ئۈمىدلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېڭى تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەقسىمات، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ تىرىشىپ بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگونى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىلار پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى تەسەۋۋۇرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى نامايان قىلىپ بەردى.

  ئىسلاھات جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. يېڭى پەللىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايانماي بولمايدۇ. ھازىر، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى ،چېكىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل–پاراسەتكە تايىنىپ ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جاپا–مۇشەققەتنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە–مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق، تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئۇلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تۈزۈلمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشىنىمۇ، ئىناق ۋە تەرتىپلىك بولۇشىنىمۇ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئورنىتىش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا رەسمىي قەدەم قويدى. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشايلى!

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}