باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى(1)

2012.12.05 16:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەختنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىغا جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ليۇ يۇنشەن قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل يولغا قويۇش ــ سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە ۋە ئاساسىي خىزمەت. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى باش نىزام، ئالىي قانۇنىي ئورۇن، قانۇنىي نوپۇز، قانۇنىي ئۈنۈمگە ۋە نېگىزلىك، ئومۇملۇق، مۇقىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە