- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە كادىرلار ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش-ئاشكارىلاش سىنىقى يولغا قويۇلدى
2012.12.05 15:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر گۇاڭجۇدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىمالىي گۇاڭدۇڭ ۋە جۇجياڭ دەريا دېلىتىسى رايونىدىن بىرناھىيە ۋە بىر رايوننى تاللاپ، رەھبىرىي كادىرلار ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش ھەم بەلگىلىك دائىرىدە ئاشكارىلاش سىنىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ يىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىمۇ چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلاش، ئىجتىمائىي ساھەلەردە چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پاك ھۆكۈمەت ۋە پاك جەمئىيەت قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچ كۆرسىتىدىكەن. (ۋۇ بىڭ خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە