باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە مىسلىسىز دىپلوماتىيە بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە(1)

2012.12.06 09:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ سېلىشنى قارار قىلغانلىقىغا قارىتا، ئەنگلىيە ، فرانسىيە، ئىسپانىيە، دانىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرى يېقىندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جېيى كارنىي شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنى قارارىنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىپ: بۇنداق قىلىش پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوش بىسلىق خەنجەرگە ئوخشايدۇ. گەرچە ئىسرائىلىيە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنى جازالاش مەقسىتىگە يېتىپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا جەمئىيەت ھەتتا غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مىسلىسىز دىپلوماتىيە بېسىمىغا ئۇچرىتىپ، خەلقئارادا يەنىمۇ يېتىم قالدۇرىدۇ.

  ئامېرىكا ئاق ساراي بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۆت كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى تالاي قېتىم تەنقىدلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى 1967-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى رايونىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسى مەسىلىسىدىكى قارارى ئەكسچە ئۈنۈم بەردى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئىككى دۆلەت لايىھىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى دەپ ھېسابلىدى.

  ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىنكاسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەر بەس بەستە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قارارى ئىككى دۆلەت لايىھىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى بۇزىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەدىن قارارىدىن يېنىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە