باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2012.12.06 15:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: گەرچە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت ۋە خەلقئارالىق قاتلامدىن كىشىلىك ھوقۇققا ئىلھام بېرىش ۋە قوغداشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى كىشىنى رازى قىلالمايدۇ.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى بويىچە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى كونىستانتىنى دوگوۋ مۇنداق دېدى: بۇ رۇسىيە بېكىتكەن تۇنجى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ، رۇسىيە بۇ ساھەدىكى مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ. بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىتىن مەقسەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان ئورگانلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. دوگوۋ: مەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن بۈگۈن بريۇسسېلغا بارىمەن دېدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە