5-چېسلا، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى.
شۇ كۈنى،زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا مىسىر زۇڭتۇڭى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى. مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە 211 ئادەم يارىلانغان. قاھىرەدە مۇرسى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى