باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رۇسىيە بىلەن تور باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالاشتى

2012.12.06 15:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 كۈن داۋاملاشقان خەلقئارا تېلىگراف دۇنيا يىغىنى 3-دېكابىر دۇبەيدە ئېچىلدى، يىغىندا «خەلقئارا تېلېگراف قائىدىسى» قاراپ چىقىلدى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئىنتېر ئۇرىشى دەپ ئاتالدى، رۇسىيە بۇ قېتىم خەلقئارا تېلېگراف قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېر تورىنى باشقۇرۇشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى ھەرقايسى تەرەپلەرگە لىكسىيە سۆزلەپ، بىر تەكلىپ تۈزۈپ، مەزكۇر يىغىندا ئىنتېر تورى قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە ھەرقانداق لايىھەنى مۇزاكىرە قىلىشنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا.

  «نيۇ يورىك ۋاقىت گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، 193 دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە تېلېگراف شىركىتى، ئىنتېر كاخانىسىدىن كەلگەن 2000 چە ۋەكىل دۇبەيگە جەم بولۇپ، سودا ۋە ئاڭ فورماتسىيەسى قاتلىمىدىن توقۇنىشىدىغان بۇ يىغىنغا قاتناشتى. خەلقئارا تېلېگراف يىغىنىدا خەلقئارا تېلېگراف قائىدىسى 1988- يىلى كېڭىشىلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا خەلقئارا ئىنتېر تورىنى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كونترول قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ئىنتېر تورى قائىدىسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشلار بۇ قېتىمقى يىغننىڭ يارقىن نۇقتىسى، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا رۇسىيە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دۇنيانىڭ تور بوشلۇقى ھەققىدىكى خەلقئارا قائىدىنى سۇنۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تور بوشلۇقى ھەرىكىتىنى بالدۇرراق قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىسى ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، نيو يورىك ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: روسىيە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېر تورىنى باشقۇرۇشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇش تەكلىپىنى بەردى، جۈملىدىن ئىنتېر تورى سىفىرى، ئىسمى، ئادرىسى، سالاھىيىتىنى دەلىللەش، بايلىقىنى تەقسىملەش، كۆرسىتىپ بېرىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق ئىنتېر تورىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئامېرىكىدىن تارتىۋېلىشنى پىلانلىدى.

  خەلقئارا تېلېگراف ئىتتپاقىنىڭ باش كاتىۋى خاماد تۇخەي ئامېرىكىنىڭ يىغىندا رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ يىغىندا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەكلىپى چەكلەنمەيدۇ، ئەمما يىغىننىڭ باش مىزانى خەۋەرلىشىش ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتە تور بىلەن ئۇچرىشالمايۋاتقان نەچچە مىليارد نوپۇسقا ئىنتېر مۇلازىمىتى قىلىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىنتېر تورى قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بۇ كەسىپنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىن شۇنداقلا توردىن جۇڭگو ۋە روسىيەنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، فوكىس خەۋەرلىرىدە 4-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنتېر تورىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىنتېر تورىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىغا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا يەنە گۇگۇل قاتارلىق ئىنتېر تورى كارخانىلىرى، غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىمۇ مۇزاكىرە جېڭىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكىغا مەدەت بەردى، رۇسىيەدە چىقىدىغان سودىگەرلەر گېزىتىدە موسكىۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يوشىنكونىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ تەكلىپى تور ئەركىنلىكىنى توسقانلىق ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىنتېر تورىنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقىنى ئامېرىكىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپى غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق دەپ چۈشەندۈرۈلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە