خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر گۈيلىندىن بەرگەن خەۋىرى: 5-دېكابىر چۈەنجوۋ-نەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بوجەي مۇلازىمەت رايونىدا بىر چوڭ تىپتىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى يول بويىدا ئۆرۈلۈپ كەتتى. گۈيلىن شەھىرى يۇڭفۇ ناھىيەسىنىڭ ساقچىلىرى تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. تۆت سائەتتىن كېيىن، ماشىنىدىكى ئالتە يۈز مىليون يۈەن نەق پۇل بىخەتەر يۆتكەپ چىقىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى