- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالىيە مىنىستىرلىقى: ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ بېجى ئىخچاملىنىدۇ
2012.12.06 17:02 مەنبە: خەلق تورى
مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن يېقىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېينكى قەدەمدە باج-ھەق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۆي-مۈلۈك سودىسىدىن ئېلىنىدىغان ئالاقىدار باجلارنى ئىخچاملاشن ھەم پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆي-مۈلۈك بېجىنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا قويۇلىدۇ.
شيې شۈرىن مۇنداق دېدى: ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆي-مۈلۈك سودىسىدىن ئېلىنىدىغان ئالاقىدار باجلارنى ئىخچاملاش لازىم. شەخسىي تۇرالغۇدىن ئېلىنىدىغان ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتى سىنىقىدا قولغا كەلگەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىدارە ئۆي-مۈلۈكلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە