باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەقسىز مائارىپنى ئالدى بىلەن بالىلار باغچىسىغىچە كېڭەيتىش كېرەك (1)

2012.12.07 10:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ›› نىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغانلىقى گېزىتكە بېسىلدى . « يىرىك پىلان » دا گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپ يىل چەكلىمىسىنى ئۇزارتىشنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئەمەلدارلار ئېلان قىلىشقا بولىدىغان كونكرېت لايىھەنىڭ ھازىرچە تېخى يوق ئىكەنلىكىنى ، لېكىن ھەقسىز مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا قارىتىلىدىغانلىقىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى .

  ھەقسىز مائارىپ يىل چەكلىمىسىنى ئۇزارتىش ھەم گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، رايون مائارىپىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى ، ھەم خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئائىلىنىڭ مائارىپ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بولۇپ ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى ئىش .

  ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى بۇ جەھەتكە ئىشلەتكەنلىكىنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشقا ئىشلەتكەنلىك دېيىشكە بولىدۇ ، بۇ «دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ، خەلقئارادا ئىلغار بىر-ئىككى ئالىي مەكتەپ قۇرۇش » قا ئىشلەتكەن غايەت زور مەبلەغقە قارىغاندا ، « ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن پۇقرالارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش » نى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھېمايە قىلىشىغا ئېرىشىدۇ .

  « يىرىك پىلان » دا ئىككى ھەقسىز قىلىشنى كېڭەيتىش نىشانىنىڭ 2015-يىلغا بارغاندا ، ئوقۇش يېشىغا ئۈچ يىل قالغان بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش نىسبىتىنىڭ %96 كە ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %98 كە يەتكۈزىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئۇنداقتا ، ھەقسىز مائارىپنى كېڭەيتىشنى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى باسقۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكمۇ ؟
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە