- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۈەن ناھىيەسىدە كۆمۈركاندا گاز چىقىپ كېتىش ھادىسسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم قازا قىلدى
2012.12.06 16:58 مەنبە: خەلق تورى
5-چېسلا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار كان قۇدۇقىدىن يېنىپ چىقتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسى چۈچىڭ شەھىرى فۇيۈەن ناھىيەسى خۇاڭنىخې بازىرىدىكى شاڭچاڭ كۆمۈر كانىنىڭ 1-نومۇرلۇق قۇدۇق گاز چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق 49 ئادەم بىخەتەر ھالدا قۇتقۇزۇپ چىقىلدى، 16 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلدى، بىر كىشى دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا قازا قىلدى. قازا قىلغان كان ئىشچىلىرىنىڭ جەسىتى قۇدۇقتىن چىقىرىلىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئالتە نەپەر قۇتقۇزغۇچى يارىلاندى ۋە دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلدى، ھازىر يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە