باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تەننەرخى بىلەن كارخانىلارنىڭ نېمە ئىشى بار؟ (1)

2012.12.06 16:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ يىل ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ، خىزمەتكە چۈشكەنلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا 500 يۈەن ئارتۇق مائاش بېرىدۇ ، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش ئەرزىمدۇ ؟ يېقىندا « ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېسابات دەپتىرى» توغرىسىدىكى بىر چاپلىما توردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . بۇ يىگانە ئىش ئەمەس ، جياڭخەن ئۇنىۋېرستېتى تۆنۈگۈن ئۆتكۈزگەن 2013-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىش پەسىللىك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ بېرىدىغان مائاش تەمىناتى ئىستۇدېنتلارنى « ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېسابات دەپتىرى » توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئويلاندۇردى . (16-نۇيابىر «ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى »).

  نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلغاندا بېرىدىغان ئايلىق مائاشىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا ئاران 500 يۈەن ئارتۇق بولۇشى نۇرغۇن ئاسپىرانتلارنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىسىنى قوزغىدى . ئىستۇدېنتلار ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش-ئوقۇماسلىقىنى ئاقىلانە تاللاشقا توغرا كېلىدۇ ، كارخانىلار ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىشتا يۇقىرى مائاش بېرىش-بەرمەسلىكنىمۇ ئاقىلانە تاللاشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر ئىستۇدېنتلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشى بىر خىل خەۋپ-خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سېلىش دېيىلىدىغان بولسا، كارخانىلارنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ بىر خىل خەۋپ-خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ، ئاسپىرانتلارنىڭ كارخانىلاردىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تەننەرخى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان نېمە ھوقۇقى بار .

  ئاسپىرانتلارنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەقەت 500 يۈەن ئارتۇق بولۇشى كارخانىلارنىڭ ئاقىلانىلىق بىلەن ئادەم ئىشلىتىشتىكى بىر خىل تاللىشى ھېسابلىنىدۇ . ئوقۇش تارىخى بىر ئادەمنىڭ پەقەت تەربىيەلەنگەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ، بۇنىڭ كىشىلەردە ئاسپىرانتلارنى يۈزە تەربىيەلەۋاتامدۇ دېگەن گۇمان پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش قىيىن . گەرچە تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى مەزگىلدە قېتىرقىنىپ ئەستايىدىل ئۆگەنسىمۇ ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئىپادىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن ماس كېلىش-كەلمەسلىكى ، خىزمەت جەريانىدا بىلىمى يۇقىرى بولغان بىلەن ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ بار-يوقلىقىمۇ بىر نامەلۇم ئىش .بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا قايسى بىر كارخانا يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئاسپىرانتلارغا يۇقىرى مائاش بېرىشكە ۋەدە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە