باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ

2012.12.07 13:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 6- دېكابىر مۇنۇلارنى قارار قىلدى: تۈركىيە سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونغا ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇرىيەدىن كېلىش مۇمكىن بولغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

  گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيە سۇرىيە توقۇنۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى شىركىمىز،گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلاش ھەرىكىتى گېرمانىيەنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، دېدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيە ئارمىيەسى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ، گېرمانىيە ئارمىيەسى ئەسكىرىدىن تەخمىنەن 400 ئى تۈركىيەگە بېرىپ ئالاقىدار ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ؛بۇنىڭ ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتىدىن ئىككىسى بار؛قالغان خادىملار ئارقا سەپ كاپالىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھاۋادىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى قاتارلىق ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە