باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ياپونىيە كورېيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىدە دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش كېرەك(1)

2012.12.07 13:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ياپونىيە كورېيە شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى، بۇ بەڭ چوڭ خەۋەر بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى، چۈنكى بۇ يىل 5-ئايدا ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭدا 5-قېتىم جۇڭگو ياپونىيە كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ بولغانىدى. ئەمما يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىياۋيۇ ئارىلى تالاش-تارتىشى ۋە كورېيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوكدۇ ئارىلى تالاش-تارتىشى تەسىرىدە، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى ۋاقتىدا باشلىنالايمدۇ-يوق؟ بۇ بىرمۇجمەل ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. نۆۋەتتە مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا مىنستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۈچ دۆلەت ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى باشلاشنى جاكارلىغانلىقىغا قانداق قاراش كېرەك؟ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىغا خىلى ئۇزۇن بولدى، رەسمىي باشلاشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم كېڭەشتى، سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ پۈتۈپ قالدى، ھازىر پەقەت سىياسىي جەھەتتە قارار قېلىشلا قالدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئەسلىي پىلان- ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى باشلاشنى جاكارلاش ئىدى. ئەمما شەرقىي ئاسىيا ئارال تالاش-تارتىشى تەسىرىدە جاكارلاش ئۆلچىمى سەل تۆۋەنلىگەن. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھەر قايسى تەرەپلەر سىياسىي ئىختىلاپنى يەڭدى، ئىقتىساد سودا ساھەسىدە داۋاملىق ئەمەلىي ھەمكارلاشتى، بۇ خىل ئەمەلىي روھنىڭ داۋاملىق كېلەر يىلى باشلىنىدىغان ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقىغا ئېشىنىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە