- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرى بەدىئىي كۆرگەزمىسى خاڭجۇدا باشلاندى
2012.12.07 14:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
5-دېكابىر، سەككىز كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ شىنجاڭ كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرى بەدىئىي كۆرگەزمىسى ›› خاڭجۇ شەھىرىنىڭ جېجياڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى.
كۆرگەزمىگە شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتىدىكى ياشانغان، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلاد رەسساملارنىڭ كۈسەن مىڭئۆيىدىكى رەسىملەرگە تەقلىد قىلىپ سىزىپ چىققان 80 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم قويۇلدى. كۈسەن مىڭئۆيى قەدىمقى كۈسەن رايونىدىكى چوڭ - كىچىك 20 دىن ئارتۇق مىڭئۆينىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، نۆۋەتتە 700 دىن ئارتۇق ئۆڭكۈر ۋە ئون مىڭ كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى تام رەسىم ساقلىنىپ قالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە