باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارنى مەيداندىن قوغلاپ چىقاردى

2012.12.07 13:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى 6- دېكابىر چۈشتىن كېيىن قاھىرەدىكى پىرزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ يېنىغا سىم تور تارتىپ، 20 بىرونېۋىك، تانكا ئورۇنلاشتۇردى. ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15تە مەيداننى تازىلاپ، نامايىشچىلارنى مەيداندىن قوغلاپ چىقاردى. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر، 10 مىڭغا يېقىن نامايىشچى مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىلدى، دېدى.

  نەچچە 10 مىڭ مىسىرلىق نامايىشچى ۋە خەلق 4- دېكابىر كەچتە پىرزىدېنت مەھكىمىسى يېنىدا نامايىش قىلدى، قىسمەن نامايىشچىلار پىرزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا چېدىر تىكىپ جىم ئولتۇرۇپ نامايىش قىلدى. مورسىنى قوللىغۇچىلار 5- دېكابىر پىرزىدېنت مەھكىمىسى ئەتراپىدىكى كوچىلاردىكى چېدىرلارنى بۇزۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش باشلاندى، ھازىر قوللىغۇچىلار بىلەن ئۆكتىچىلەردىن بەش كىشى قازا قىلدى، ئاز دېگەندە 644 كىشى يارىلاندى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە