باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى(1)

2012.12.07 13:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو غەربىي رايون قار–مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 2012–يىللىق شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى 30–نويابىر دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى سودىگەرلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن قىزىپ كەتكەن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ قېتىمقى قىشلىق يەرمەنكە 2012– يىللىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمى خالاس. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012–يىلى 46 مىليون 500 مىڭ ئادەم/ قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرقى 44 مىليارد 200 مىليون يۈەن ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمىدىن ئېشىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن 37 مىليون 930 مىڭ ئادەم/ قېتىم ساياھەتچى كەلگەن، ساياھەتچىلىكتىن 48 مىليارد 700 مىليون يۈەن كىرىم قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ۋە %37 كۆپەيگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق ساياھەتچىلىكنى رايون سىرتىدا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ شياڭگاڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. 4–ئايدا جەنۇبىي جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئەتىيازلىق شىنجاڭ ساياھەت مەنزىللىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدا شىنجاڭغا ئۆمەك تەشكىللەپ ساياھەتكە بېرىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە