باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى(1)

2012.12.07 13:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى 5-دېكابىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ئېچىلدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چوڭ، كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتلەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق سەھنىسى قۇرۇپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى بەش يىل داۋاملىشىپ، ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. بىز ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا ياردەمنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەردە يېقىندىن ماسلىشىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئورتاق ساقلىنىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللاش تېرىشچانلىقىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىياتىغا يولىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. بىز ئوچۇق، كەڭ قورساق روھ بىلەن ئىختىلاپلارغا مۇئامىلە قىلىپ، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەمكارلىقتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن ئورتاق تەرەققىياتنى پىلانلاپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، بۇ رايوننىڭ پۈتكۈل ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە